كاپالەتلىك تاشقى پىرۋوت سودىسىدىكى پىشاڭ نىسبىتى
يوللانغان ۋاقتى: 2013-يىلى 10-ئاينىڭ 18-كۈنى | كۆرۈلۈشى: 1,685 قېتىم

    مەن بۇ تىما ئارقىلىق ھىساپ نىمە ئۇچۇن ئاسان پارتىلايدۇ ؟ نىمە ئۇچۇن قانچە قىتىم پۇل سالساق شۇنچە قىتىم ھىساپ پارتىلاش بىلەن خۇلاسىلىندىغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى  ئوزەمنىڭ چۇشەنچىسى بويۇنچە سوزلەپ ئوتمەكچى . مۇشۇنداق تەقدىرگە ئۇچرىغانلار تەپسىلى كورۇپ چىقىڭلار .   

 تاشقى پىرۋوت سودىستىكى «مەبلەغنىڭ ھەسسىلنىشى » دېگەن قانداق ئۇقۇم ؟ بىز ھېساب ئاچقان ۋاقىتتا، بانكا تەرەپنىڭ بىزنىڭ چىقارغان مەبلىغىڭىزنى ھەسسىلەپ بىرشى «مەنلەغنىڭ ھەسسىلنىشى » بولۇپ ،ئاددىراق چۇشەنسەك ، مەبلەغ جەھەتتە بانكا بىلەن بىز بىرلىشىپ سودا قىلىمىز، بانكا چوڭ بىشىنى كوتۇردۇ ، بىز كىچىك ئۇچىنى كوتۇرمىز ، لىكىن بانكا پايدا زىيانغا شىرىك ئەمەس ، ئۇ پەقەت ئوسۇم ئىلىشنىلا بىلىدۇ ، پايدا زىيانىغا بىز مەسئۇل ،بىز كاپالەت پۇلى چىقىرمىز بانكا پىشاڭ بولىدۇ ، خەنزۇچە  杠杆比例 دىيلىدۇ .

ھازىر تاشقى پىرۋوت شىركەتلىرى بۇ نىسپەتنى 100 دىن  500 ھەسسگىچە كوپەيتىپ بىرۋاتىدۇ ، يەنى بىز ھىساپ ئىچىپ 1000 دوللار ھېساپىمىزغا كىرگۇزسەك ، شىركەت تەرەپ بىزنىڭ مەبلىغىمىزنى 500 ھەسسىلەپ بىردۇ ، بىزگە 500 مىڭ دوللارنىڭ ئىشلىتىش ھوقۇقىنى بېرىدۇ. بىز مۇشۇ 500 مىڭ دوللارنى ئىشلىتىپ، پىرىۋوت سودىسى قىلىمىز، مانا بۇ جەريان «كاپالەتلىك تاشقى پىرىۋوت سودىسى» دىن ئىبارەت . ئەمدى بىز بۇ 500 مىڭ دوللارنى قانداق ئىشلىتىش جەريانىنى كۆرۈپ باقايلى: بىز پىرىۋوت سودىسى قىلىش ئۈچۈن ئىشلەتكەن سودا سۇپىسدا ، پەقەت بىز چىقارغان مەبلەغنىڭ قالدۇقىلا كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ، بانكا تەرەپ ھەسسىلەپ بەرگەن سان بۇ جايدا كۆرۈنمەيدۇ، بىراق، ئىچكى جەھەتتىن، باش شىركەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك كومپيۇتېر ئۈسكۈنىلىرى بىزنىڭ مال ئېلىش بۇيرۇقىمىزغا ئاساسەن، مال زاكاس تالونىنى مۇناسىۋەتلىك بانكىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ، بۇ جەرياندا پۇلىمىز تەبىئىي ھالدا 500 ھەسسىلىنىدۇ ھەمدە بىزدىن مۇۋاپىق مىقداردا «كاپالەت پۇلى» ئالىدۇ، مالنى قولدىن چىقارغاندىن كېيىن بۇ «كاپالەت پۇلى» يەنە ھىساۋىمىزغا قايتىپ كېلىدۇ، پايدا ئالغان بولساق  ئالغان پايدىمۇ بىزنىڭ ھىساپ قالدۇقىمىزغا قوشۇلىدۇ، زىيان تارتقان بولسىاق تارتقان زىيىنىمىز ھىساۋاتىمىزدىكى قالدۇقتىن كەملەيدۇ ، ناۋادا بىز تارتقان زىيان بىزنىڭ كاپالەت پۇلىمىزدىن ئېشىپ كىتىش ئىتىماللىقى  بولسا، بانكا تەرەپ ئاپتوماتىك ھالدا بىز ئالغان مالنى قولدىن چىقىرىۋېتىپ، ئۆزىنىڭ مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ،بۇ بىز دەۋاتقان ھىساپ پارتىلاش دىگەن ئۇقۇم شۇ ، دېمەك، بانكا مەيلى بىزنىڭ ھېساباتىمىزنى 100 ھەسسە ياكى 500 ھەسسىلىۋەتكەن تەغدىردىمۇ، بانكا يەنىلا زىيان تارتمايدۇ.ئۇنداقتا بانكا نىمە مەخسەتتە بىزنىڭ مەبلىغىمىزنى ھەسسىلەپ بىردۇ ؟ ئەلۋەتتە ئوسۇمدىن كىلىدىغان مەنپەتنى كوزلەيدۇ. ئۇلار ئوتتۇرا ئۇزۇن مەزەىللىك سودا قىلغۇچىلاردىن كۇنلۇك ئوسۇم ئىلىشنى مەخسەت قىلىدۇ .

ئەمدى، تاشقى پىرۋوت بازىردا ،مەلۇم بىر مال ئۈچۈن قانچىلىك كاپالەت سوممىسى تاپشۇرۇشقا كەلسەك، بىزنىڭ ھىساۋىمىزنىڭ پىشاڭ نىسپىتى  1:500 بولسا ، ئالماقچى بولغان مال باھاسىنىڭ  500 دىن بىرنى بىز چىقارساق بولىدۇ ، بۇ ئادەتتە ھەر قايسى ماللارنىڭ باھاسىنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا قاراپ ئوخشاش بولمايدۇ ، خەلقئارا بازاردا بىر قول تاشقى پىرۋوتنىڭ ئۆلچىمى 100 مىڭ بولۇپ، بىز  بىر قول EURUSD نى سىتىۋالماقچى بولساق ، 100مىڭ ياۋرۇ سىتىۋالىىمەن دىگەننى بىلدۇردۇ ،ئۇنداقتا بىر ياۋرۇنىڭ باھاسى 1.3500 دوللار بولغان ئىكەن ، بىز 100مىڭ ياۋرۇ ئۇچۇن 135مىڭ دوللار چىقارساق سىتىۋالالايمىز ، بىزنىڭ ھىساۋىمىزدا ئۇنچە كوپ مەبلەغ يوق ، لىكىن بانكا بىزگە شىرىك بولغان ئىكەن ، بىز بىر قول EURUSD نى ئوسۇشكە ياكى چۇشۇشكە ئىلىشقا سىستىما ئارقىلىق بانكىغا ئىلتىماس قىلىمىز ، بانكا بىزنىڭ ئىلتىماسىمىزغا ئاساسەن ، بىزنىڭ كاپالەت پۇلىمىز 135مىڭ دوللارنىڭ 500 دىن بىرىگە يەتسىلا قالغان 499 ھەسسىنى بانكا چىقىرىپ بىزنىڭ ئىلتىماسىمىزغا ئاساسەن بۇ بىر قول EURUSD نى بىزنىڭ ھىساۋىمىزغا ئىلىپ بىردۇ . ئۇنداق بولسا بۇ «بىر قول مال» نىڭ بىز چىقىردىغان  500 دىن بىرى قانچە دوللار بولىدۇ ؟ 135000/500 = 270 دوللار ،دىمەك 135مىڭ دوللارلىق مالغا بىز 270 دوللار چىقارساقلا بولدى دىگەن گەپ .سودا سۇپىمىزدىكى 1.3512 دەپ ئەكسى ئىۋاتقان سان ، بىر ياۋرۇنى دوللارغا ئالماشتۇرسىڭىز 1.3512 دوللارغا ئالىمىز دىگەن باھا بولىدۇ .خۇددى بىر دوللارنى 6.10 يۇئەن خەلق پۇلىغا ئالغاندەك .

 ئالتۇن سودىسىغا كەلسەك ئالتۇنغا  500 ھەسسىلەپ بەرمەيدۇ ئادەتتە كوپۇنچە شىركەتلەر  100 ھەسسىلەپ بىرۋاتىدۇ ، بىز 500 ھەسسىلەپ بىرۋاتقان تاشقى پىرۋوت شىركەتلىردىن ھىساپ ئاچقان تەقدىردىمۇ  ئالتۇن يەنە 100 ھەسسە بولىدۇ ، چۇنكى ئالتۇننىڭ تەۋرىشى تاشقى پىرۋوتقا قارىغاندا بىر قانچە ھەسسە يۇقۇرى بولۇپ 100 ھەسسىلەنگەن ھىساپلاردىمۇ خەتەر يەنىلا چوڭ بولىدۇ ، ئۇنداقتا ئالتۇن سودىسىغا ‹‹كاپالەت››  سومما ۋە ‹‹پىشاڭ›› نىسپىتى قانداق بولىدۇ ؟ خەلق ئارا  بازاردا  1 ئونسىتە (  31.1037 گىرام )  ئالتۇن باھاسىنى  1320 دوللار دىسەك ، 1 قول ئالتۇن 100 ئونسىيە بولىدۇ  بۇنى گىرامغا سۇندۇرساق 3100.104 گىرام بولىدۇ ، شۇنداق بولغاندا  1 قول ئالتۇن سىتىۋىلىش ئۇچۇن 132000 دوللار كىتىدۇ ، ئۇنداقتا 1 قول ئالتۇن 132000 دوللار بولسا ، بىر گىرام ئالتۇن قانچە يۇئەن خەلق پۇلى بولىدۇ ؟

 132000 /3100.104= 42.58 دوللار *6.10 = 259.80 يۇئەن بولىدۇ .

بىز سودا ھىساۋىمىزدا بىر قول ئالتۇن سىتىۋىلىش ئۇچۇن 132000 دوللار بولمىغان ئەھۋالدا بانكىنىڭ ‹‹ پىشاڭ ›› نىسپىتىدىن پايدىلنىشقا توغرا كىلىدۇ ، بىر قول ئالتۇننى ئوسۇشكە ياكى چۇشۇشكە ئىلىشقا سىستىما ئارقىلىق بانكىغا ئىلتىماس قىلىمىز ، بانكا بىزنىڭ ئىلتىماسىمىزغا ئاساسەن ، بىزنىڭ كاپالەت پۇلىمىز 132مىڭ دوللارنىڭ 100 دىن بىرىگە يەتسىلا قالغان 99 ھەسسىنى بانكا چىقىرىپ بىزنىڭ ئىلتىماسىمىزغا ئاساسەن بۇ بىر قول ئلتۇننى بىزنىڭ ھىساۋىمىزغا ئىلىپ بىردۇ، ئۇنداقتا 100 دىن بىرى قانچىلىك بولىدۇ كورۇپ باقايلى  132000 / 100=1320 دوللار  . بۇنىڭدىن شۇنى كورۋىلىشقا بولىدۇكى  بىر ئونسىيە ئالتۇننىڭ خەلق ئارا بازاردىكى باھاسى قانچە دوللار بولسا بىزنىڭ تاپشۇردىغان  كاپالەت سوممىمىزمۇ شۇنىڭغا توغرا كىلىدۇ ، دىمەك بىز 100 ئونسىتيە ئالتۇن سىتىۋىلىش ئۇچۇن 1 ئونسىيە ئالتۇننىڭ پۇلىنى كاپالەت سومما قىلىپ تاپشۇرۇپ ، 100 ئونسىيە يەنى 1 قول ئالتۇن سىتىۋالىمىز، بىر ئونسىيە ئالتۇن ، 0.01 قول بولىدۇ.

يۇقۇردا  ‹‹ كاپالەت ›› سومما ۋە ‹‹ پىشاڭ ›› نىڭ ئوز ئارا مۇناسىۋىتىنى چۇشۇنۇپ ئوتتۇق ، بۇلارنى بۇنچە تەپسىلى سوزلىشىمىزنىڭ ئاساسلىق مەخسىتى ، بىز قىلىۋاتقان‹‹ كاپالەت ›› لىك سودىنىڭ مايىتىنى تولۇق چۇشۇنۇش ئارقىلىق ، نىمە ئۇچۇن ئاسان ‹‹ ھىساپ پارتىلاش ›› نىڭ سەۋەبىنى چۇشۇنۇپ يىتىش مەخسەت قىلىنغان .

ئەمدى ئاساسلىق مەخسەتكە كىلەيلى : نىمە ئۇچۇن بۇ سودىنى قىلغۇچىلارنىڭ ھىساۋاتى ‹‹ پارتىلاش ›› بىلەن خۇلاسىلىندۇ ؟

جاۋاپ : بۇ دەل ‹‹ يۇقۇرى پىشاڭ نىسپىتى ››نىڭ كۇچى . يۇقۇردا بىر قول مالنىڭ قانچە دوللارغا قىلىدىغانلىقىنى ، بىز قانچىلىك كاپالەت تاپشۇرساق سىتىۋالالايدىغانلىقىمىزنى   نايىتى تەپسىلى سوزلەپ  ئوتتۇم . بىز شۇنداق چوڭ خەتەرگە ‹‹ باتۇر ›› لارچە ئاتلانغان ئىكەنمىز  بۇنداق تەقدىرنىڭ بىشىمىزغا كىلىشى ئەجەپلىنەرلىك ئەمەس ، ئويلاپ باقايلى بىز 135مىڭ دوللارلىق بىر قول ياۋرۇنى 270 دوللارغا ، 132 مىڭ دوللارلىق بىر قول ئالتۇننى 1320 دوللارغا سىتىۋالدۇق ، ھىساۋىمىزدا 2000 دوللار بار دەيلى ، ياۋرۇ 1.3500 دىن 2 پۇڭ ئوسسە ياكى 2 پۇڭ چۇشسە بىزنىڭ 2000 دوللىرمىز بىر ھەسسىلىندۇ ياكى ھىساۋىمىز ‹‹ پارتىلايدۇ ›› . ئالتۇن 1320 دوللاردىن 20 دوللار ئوسسە ياكى چۇشسىمۇ 2000 دولللىرمىزنىڭ تەقدىرى ئوخشاش بولىدۇ ،بۇ ماللارنىڭ 2 پۇڭ ياكى 20 دوللار   چۇشۇشى ياكى  ئوسۇشى ، بۇ بازارغا نىسپەتەن بىر ئىككى كۇنلۇك ياكى بىر قانچە سائەتلىك ئىش ، كوپۇنچىمىز بىلىمىز بۇ بازاردا 2000 دوللارنىڭ يۇقۇرسىدا مەبلەغ سىلىپ سودا قىلىۋاتقانلار كوپ ئەمەس ، كوپۇنچىمىز 1000 دوللار ياكى 500 دوللار قىسمەنلىرمىز 50-100 دوللار سىلىپمۇ بۇ سودىغا قاتنىشىپ باقىمىز ، بازاردىكى ئەڭ توۋەن سودا مىقتارى بولغان 0.01  قول مالمۇ ئەسلى باھاسىدا  1350 دوللار ، ئالتۇندا 1320  دوللارغا  كىلىدۇ ، بىز بانكىنىڭ پىشاڭ نىسپىتىگە تاينىپ 500 دىن بىرنى ، 100 دىن بىرنى تولەپ سودا قىلىمىز ، ھىساۋىمىزدا 100 دوللار پۇل بارلىرمىزنىڭ 0.01 قول مال ئالغىمىز كەلمەيدۇ ، قانچىلىك مال كەلسە شۇنچىلىك ئالىدىغانلىرمىزمۇ كوپكەنمىز ، پۇلنىڭ كىرىكى يوقما ؟ مىنىڭچە ئۇنداق ئەمەس پۇل بەك كىرەك بولغانلىقتىن شۇنداق مالنى كوپ ئالغىمىز كىلىدۇ دەپ قارايمەن .

ئۇنداقتا بانكىنىڭ پىشاڭ نىسپىتىنىڭ زادى پايدىسى بارمۇ زىينى بارمۇ؟  مانا بۇ سۇئالغا  بىزنىڭ ھازىرقى ھالىتىمىزنى كورگەن ھەر قانداق ئادەمنىڭ توغرا جاۋاپ بەرمىكى ھەقىقەتەن  تەس بولىۋاتىدۇ ، مىنىڭچە پىشاڭ نىسپىتىنىڭ زىينىدىن پايدىسى كوپ ئىدى ، پىشاڭ دىگەن ئەمىلى تۇرمۇشىمىزدىمۇ بىرەر نەرسىنى يوتكەش ياكى كوتۇرۇش ئۇچۇن كۇچ يىتشمىگەندە ، بىر تال پىشاڭدىن پايدىلنىپ مەخسىتىمىزنى ئىشقا ئاشۇرغىنى بولاتتى ، لىكىن ھازىر دىيارىمىزدىكى پىرۋوتچى ئالتۇنچىلار ئۇچۇن بۇ پىشاڭ  ئاپەت ئىلىپ كىلىۋاتقان مەنبە بولۇپ قىلىۋاتىدۇ ، دىمەك مۇشۇ پىشاڭ بولمىغان بولسا ھىچ قايسىمىزنىڭ ھىساۋى بىر قىتىممۇ پارتىلمىغان بولاتتى ،مەن  بۇ نوختىدىن قىلىپ ئىيتقاندا  بانكىنىڭ بۇ يۇقۇرى نىسپەتلىك پىشاڭى بىز ئۇچۇن زىيانلىق بولىۋاتىدۇ  دەپ قارىدىم  .

بۇ بازارغا بۇرۇن كىرىپ زىيان بىلەن خۇلاسە قىلىپ بۇ بازاردا پايدا ئىلىش مۇمكىن ئەمەسكەن دەپ يەكۇن چىقارغان  قىرىشلىرىمغا ۋە ھازىر بۇ بازارنىڭ سىرىنى بىلەلمەي كىچە كۇندۇز تىركىشىۋاتقان قىرىنداشلىرىمغا شۇنداقلا بۇ بازارغا كىرىش ئۇچۇن ئىزدىنىۋاتقان قىرىنداشلىرىمغا شۇنى دەيمەنكى بۇ بازارنىڭ يۇقۇرى خەتىرى ، بانكىنىڭ يۇقۇرى نىسپەتلىك پىشاڭ نىسپىتىدىن كىلىدۇ ، بۇ مەسىلىنى ئىنىق تونۇپ يىتىپ بۇنىڭغا قارتا ئاقىلانە تەدبىر قوللانغاندىلا بۇ بازارنىڭ ئۇنچىۋالا خەتەرلىك ئەمەسلىكىنى ھىس قىلىمىز .

ئۇنداقتا بۇ مەسىلىگە قارتا  قانداق ئاقىلانە  تەدبىر قوللانساق بولىدۇ ؟ مىنىڭ قارشىمچە بولغاندا

1- ھىساپ ئاچقاندا پىشاڭ نىسپىتىنى ئەڭ چوڭ بولغاندا 1:100  نورمال بولغاندا  1:50  ھەتتا 1:10 نىسپەتتە ئىچىش

 2- يەنە كونا گىپىم مال مىقتارىنى  پىرۋوتقا 1000 دوللارغا 0.1 قول ، ئالتۇنغا 2000 دوللارغا 0.1 قولدىن ئاشۇرماسلىق .

  3- زىياننى چوقۇم مەبلەغنىڭ %5 ئىچىدە كونتىرول قىلىش .

 كوپ قىتىم ھىساپ پارتىلاتقانلار مانا يۇقارقى 3 تۇرلۇك تۇزۇمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ بىقىپ يەنە ھىساۋىڭىز پارتىلاپ قالسا مىنى ئىزدەڭ .

  QQ      توپ نۇمۇرىمىز  88054377     SHungqar